تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 2098|ئىنكاس: 8

مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە چۇشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

35

يازما

543

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
543
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر، بۇ قېتىم سېستىمىنىڭ بىرقانچە تۈرلىرى ھەققەدە ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. بىز سېستىما قاچىلايلى دەپ توردىن سېستىما ئىزدىسەك تۆۋەندىكىدەك نەشىرلىرى كۆرۈنىدۇ.....
装机版,纯净版,专业版,企业版,旗舰版,家庭版 بۇلاردىن زادى قايسىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن بىر قەدەرياخشىراق؟ بىزدەك سېستىما ھەققىدە ئانچە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلەر زادى قايسىنى ئىشلەتسە ئەڭ مۇۋاپىق بولۇدىغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالىدىكەنمىز.مۇنبەردىكى تەجرىبىلىك ئوستازلار مۇشۇ ھەقتە بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار.بىلىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.باشقا تورداشلارمۇ بۇ ھەقتە ساۋاتقا ئىگە بولوپ قالسا.......رەھمەت !

7

تېما

11

يازما

45

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
45
ۋاقتى: 2019-2-27 11:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمەسىلىدە نوقۇل مەلۇم بىرسىنى ئىشلىتىسەن دەيدىغان ئۆلچەم يوق ... پەقەت ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ .

家庭版.装机版  بۇ ئىككى نەشىر، كومپىيوتىر ساتىدىغان دۇكانلاردا ئائىلىدە ياكى كۈندىلىك خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان كومپىيوتىرلارغا قاچىلايدىغان نەشىرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتاللار ،،قاتتىق دىتال قوزغىتىش پوروگىراممىلىرى بىللە چىقىدۇ ...قولايلىق ! ئەمما سېستىمىنىڭ ئادەتتە كۆپ ئىشلەتمەيدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى چىقىرۋېتىلگەن،ئىخچاملانغان بولىدۇ .... كەسپىي ئىشلىتىشكە ئاساسەن ماس كەلمەيدۇ .ئائىلە،خىزمەت،تورخانىلارغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.

纯净版 بۇ نەشىر ئاساسەن ساپ ھالەتتىكى ۋىندوۋس نەشىرى بولۇپ باشقا قوشۇمچە دىتاللار قاچىلانمايدۇ . ساپ windows نى قاچىلاپ بولۇپ قاتتىق دىتال قوزغىتىش پوروگىراممىلىرىنى ،،ئىھتىياجلىق يۇمشاق دىتاللارنى بىرمۇ بىر قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. سېستىمىنىڭ تۇراقلىق ئىشلىشى ئالاھىدە ياخشى !

专业版,企业版,旗舰版 ماۋۇ ئۇچ خىل نەشىرى بولسا مەخسۇس كەسپىي ئورۇنلارغا ،كارخانا ،ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان نەشىرى بولۇپ مۇھىم ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ ! بۇ نەشىرلىرىنى ئاساسەن ھەقلىق بولۇپ سېتىۋالغاندىن كىيىنكى بارلىق مەسىلىلىرىنى ساتقۇچى تەرەپ microsoft شىركىتى مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ ....

يۇقىرقىلار مىنىڭ يۈزەكى چۈشۈنىشىم ،،كەم قالغان خاتا بولغان جايلىرىنى باشقا كەسىپداشلار تۈزەتسەڭلار  بولىدۇ .

20

تېما

35

يازما

543

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
543
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-2-27 12:17:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
polat1971 يوللىغان ۋاقتى  2019-2-27 11:55
بۇمەسىلىدە نوقۇل مەلۇم بىرسىنى ئىشلىتىسەن دەيدىغان ئۆ ...

بىلەلمىگەن ،چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۇپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

0

تېما

5

يازما

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-2-27 17:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز بۇغدا مۇنبەرگە يوللىغان بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ تىمىنىڭ بىر ئاز كەسپىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىمنى قويۇپلا مۇنبەرگە كىرىشىم.
تىمىڭىزغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن سىستىما ھەققىدە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.
تورداشلارنىڭ مەزمۇننى تاللاپ كۆرۈشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن سۇئال جاۋاب شەكلىدە يازماقچى، تورداشلار ئۆز ئىھتىياجىغا قارىتا بىلمەيمەن دىگەن يەرلىرىنى تاللاپ كۆرسە بولىدۇ
1-        سۇئال: سىستىما دىگەن نىمە؟
جاۋاب: سىستىما دېگىنىمىز مەلۇم بىر ئىشنىڭ ياكى ئىھتىياجنىڭ ھەل قىلىنىش جەريانىنىڭ مەلۇم تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ياكى ھەل قىلىنىش جەريانىنىڭ قىلىپلىشىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كومپىيۇتىردىكى مەلۇم بىر ئىش ۋە ئىھتىياجنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كونتىرول قىلىنىدىغان بۇيرۇق ۋە كوماندىلارنىڭ توپىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى كومپىيۇتىر ساھەسىدە بۇ ئۇقۇم نوقۇل مەشخۇلات سىستىمىسىنى ياكى ئەمەلى قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللارنى ياكى باشقا سىستىما يۇمشاق دىتاللىرىنى كۆرسەتمەستىن شۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سىستىما دەپ ئاتىلىدۇ.
2-        مەشخۇلات سىستىمىسى دىگەن نىمە؟
جاۋاب: مەشخۇلات سىستىمىسى دېگىنىمىز كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرى بىلەن يۇمشاق دىتاللىرىنى كونتىرول قىلىپ، كومپىيۇتىر سىستىمىسىنىڭ ئىقىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتىر مەشخۇلاتىنى ئاددىلاشتۇرىدىغان سىستىما يۇمشاق دىتالى.
3-        كۆپ ئۇچرىايدىغان مەشخۇلات سىستىمىسىدىن قايسىلار بار؟
جاۋاب: 2009-يىلدىكى سىتاتىستىكىدا پۈتۈن دۇنيادا 600 خىلدىن ئارتۇق مەشخۇلات سىستىمىسى بار بولۇپ، ھازىر 2 مىلىيۇن خىلدىن ئېشىشى مومكىن. ئەمما نۆۋەتتە كومپىيۇتىر ساھەسىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەشخۇلات سىستىمىسى Windows،Mac OS،Linux،Unix،Android قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
4-        مىكروسوفىت شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان مەشخۇلات سىستىمىسى قانداق  شەكىلدە قايسى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟
جاۋاب: مىكروسوفىت شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان مەشخۇلات سىستىمىسى مۇلازىمەت شەكلىگە ئاساسەن تور مەشخۇلات سىستىمىسى ۋە يەككە ئىشلەتكۈچىلىك مەشخۇلات سىستىمىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
نەشىر نۇمۇرى 2009- يىلدىن باشلاپ يىڭى تۈزۈم بويىچە تور مەشخۇلات سىستىمىسىغا مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنغان يىلىنى نەشىر نۇمۇرى قىلىپ بىكىتىدۇ .
يەككە ئىشلەتكۈچىلىك مەشخۇلات سىستىمىسىغا يەككە ئىشلەتكۈچىلىك مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ نەشىر تەرتىپىنى نەشىر نۇمۇرى قىلىپ بىكىتىدۇ.
سىستىمىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن تور مەشخۇلات سىستىمىسى كۆرۈنمە يۈزلۈك نەشىرى ۋە قارا ئىكرانلىق نەشىرى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا تور مەشخۇلات سىستىمىسى بولسۇن ياكى يەككە ئىشلەتكۈچىلىك مەشخۇلات سىستىمىسى بولسۇن بايراقدار نەشىرى، كارخانا نەشىرى، كەسپىي نەشىرى، مائارىپ نەشىرى،ئائىلە نەشىرى دىگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

0

تېما

5

يازما

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-2-27 17:22:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5-        مىكروسوفتنىڭ يەككە ئىشلەتكۈچىلىك مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
جاۋاب:
بايراقدار نەشىرى: مەزكۇر مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ ئۆز ئارا توقۇنۇشمايدىغان شۇنداقلا قوشقىلى بولىدىغان بارلىق ئىقتىدارلىرى قوشۇلغان نەشىرى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئېلان قىلىنىدۇ،سىناق ئىشلىتىش مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، دەسلەپتە سېتىۋالغانلارغا تەمىنلىنىدىغان مۇلازىمىتى بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن دۆلىتىمىزدە تارقىلىۋاتقان قانۇنسىز نەشىردىكى مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ كۆپ قىسمى بايراقدار نەشىرىدە ياسىلىدۇ.
كارخانا نەشىرى: كارخانا نەشىرى نۆۋەتتە Windows 8 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشخۇلات سىستىمىلىرىنىڭ ئاڭ ئىلغان نەشىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچىدىن: Windows8 نەشىرىدىن باشلاپ بايراقدار نەشىرى دىگەن نام ئىشلىتىلمىدى. ئىككىنچىدىن: كارخانىلار ئىقتىساد تىجەش تىپىدىكى چىقىم قىلىدىغان ئورۇن بولغاچقا نۇرغۇن شىركەتلەر ھەر بىر ئىش ئۈچۈن بىر كەسپىي يۇمشاق دىتالنى سېتىۋىلىشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ كارخانا نەشىرىدە كارخانىلار ئىھتىياجلىق بولۇشى مومكىن بولغان نۇرغۇن ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتلەر بىللە تەمىنلەنگەن بولىدۇ.
كەسپىي نەشىرى: بۇ نەشىرى كومپىيۇتىرغا ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي خادىملارنى ئاساس قىلىپ ياسالغان نەشىرى بولۇپ، باھاسى ئەرزان، سىستىمىدا تەمىنلىنىدىغان ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتلەر بىر قەدەر ئاز ( چۈنكى كەسپىي خادىملارنىڭ خىزمەت ئورنىدا نۇرغۇن كەسپىي يۇمشاق دىتال ۋە مۇلازىمەتلەر تەمىنلەنگەن بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئوخشاش ئىقتىدار ۋە ئوخشاش مۇلازىمەتلەردە توقۇنۇش كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كارخانا نەشىرى ۋە بايراقدار نەشىرىدە ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان بىر قىسىم مۇلازىمەت ۋە دىتاللار كەسپىي نەشىرىدە تەمىنلەنمەيدۇ).
مائارىپ نەشىرى: چەكلىمىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى، قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بىر قەدەر تۆۋەن نەشىرى بولۇپ، مائارىپ ۋە تەربىيلەش ساھەسىدە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ، سىستىمىدا ئاساسەن ھازىرقى دەۋىردە بىر مەشخۇلات سىستىمىسى ئەڭ تۆۋەن تەلەپتە ھازىرلىمىسا بولمايدىغان ئىقتىداردىن باشقا ھىچقانداق قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى يوق. ئادەتتە مائارىپ ئورۇنلىرىدا تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر دانە تور مەشخۇلات سىستىمىسى ياكى بىر دانە كەسپىي نەشىردىكى مەشخۇلات سىستىمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ.
ئائىلە نەشىرى: بۇ نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى مائارىپ نەشىرىگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپ شۇنداقلا چەكلىمىلىكىمۇ مائارىپ نەشىرىگە قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەن بولۇپ، باھاسى بىر قەدەر ئەرزان، ئائىلىسدە قۇرامىغان يەتمىگەنلەر بار ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ناھايتى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بىر دانە كەسپىي نەشىرى بىلەن قوشۇپ ئىشلەتكەندە تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
6-        纯净版,装机版 دىگەن نەشىرلىرى قانداق نەشىر؟
纯净版 : بۇ نەشىرىگە كەلسەك ئورگان تەرەپ ئەزەلدىن بۇنداق نەشىرىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى، بۇ پەقەت دۆلىتىمىزدىكى يۇمشاق دىتال تەشۋىقاتى ئارقىلىق كىرىم قىلىدىغان يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئورگان تەرەپ تارقاتقان بايراقدار نەشىرى ياكى كەسپىي نەشىرلىرىنى ئۆزىنىڭ چوڭ ھەمكارلاشقۇچى شىركەتلىرىنىڭ دىتاللىرىنىلا قاچىلاپ ياكى ئۇلارنىمۇ قاچىلىماي قايتا پىچەتلەپ تارقاتقان نەشىرى. ھېلىقى « پاكىزە نۇسخىسى» دەۋالىدۇغۇ ئاشۇ نەشىرى شۇ.
装机版: بۇ نەشىرىمۇ ئوخشاشلا ئورگان تەرەپ تارقاتقان نەشىرى ئەمەس، بۇمۇ ئوخشاشلا يۇمشاق دىتال تەشۋىقاتى بىلەن كىرىم قىلىدىغانلارنىڭ ياساپ تارقاتقان نەشىرى. بۇ نەشىرى مەخسۇس كومپىيۇتىر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان نەشىرى، بۇ نەشىرىگە ئادەتتە  ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ دىتاللىرىنى تولۇق قاچىلىۋىتىدۇ. بىرلا قاچىلىغاندىن كىيىن ۋىرۇسخوردىن تارتىپ تور كۆرگۈگىچە ھەممە نىمە بىللە چىقىدۇ. ھېلىقى«پاكىزە ئەمەس، ئەخلەت دىتاللار بەك جىق قاچىلىنىۋالىدىكەن» دەيدىغان نەشىرى شۇ.

0

تېما

5

يازما

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-2-27 17:23:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

7-        بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە قايسى نەشىرى ئەڭ ماس كېلىدۇ؟
جاۋاب: بىز ھامىنى تېخى پات يىقىندا ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋىلىش ئىھتىماللىقىمىز بولمىغاندىكىن ئەسلى نەشىرىنى قاچىلاشنى بىلسەك كارخانا نەشىرى ئەڭ ياخشى، چۈنكى بىز كەسپىي خادىم دېگەن بىلەن كۆپ قىسىم فىلىم ئىشلەش مەركەزلىرى ئاساسەن باشتىن ئاخىرى ئىشنى بىرلا كومپىيۇتىردا پۈتتۈرۈپ چىقىدۇ، كەسپىي راندىرلاش سۇپىسى ياكى راندىرلاش بۆلۈمى دەپ بولمىدى دېگەندە بەش ئون مۇلازىمتىر ھازىرلىغان. يۇرت يۇرتلاردىكى تارماق شىركەتلەر ئارىسا مەۋھۇم كەسپىي تور قۇرۇپ ئىش قىلىۋاتقانلار يوق دىيەرلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەنىلا ئىقتىدارى مۇكەممەل ۋە كۆپرەك بولغان نەشىرىگە ئىھتىياجلىق. شۇڭا بىزگە مۇشۇ نەشىرى بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئەمما تورلاردا نۆۋەتتە Windows 10 نىڭ 1809نەشىرىنىڭ قايتا پىچەتلەنگەن نەشىرى يوق.شۇڭا چوقۇم ئەسلى نەشىردىكى مەشخۇلات سىستىمىسىنى قاچىلاشنى ۋە تەڭشەشنى بىلىشىمىز كېرەك ، بولمىسا ئىشلىتەلمەيمىز.
ئەگەر ئەسلى نەشىرىنى قاچىلاشنى بىلمىسەك توردا قايتا پىچەتلەنگەن كەسپىي نەشىرى ياكى مائارىپ نەشىرلىرى بار شۇ نەشىرلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەكمۇ توقسان پىرسەنتتىن ئارتۇق ئىھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ.

يەنە باشقا سۇئاللار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار جاۋاب قايتۇرىمەن، ئەمما دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالىشىم ناتايىن، كىچىك كەتسە خاتا چۈشەنمىگەيسىلەر

20

تېما

35

يازما

543

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
543
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-2-27 23:56:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىم بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز كۆڭلىمىزنى يېڭى چىققان كۈندەكلا يورۇتىۋەتتى.بىز مۇشۇنداق چۈشەنچىلەرگە بەك مۇھتاجمىز.بىلمەي مەشغۇلات قىلغاندىن  ،بىلىپ
مەشغۇلات قىلغان مىڭ ياخشى.مۇشۇنداق ياخشى بىلىم بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە
سىزگە كۆپ رەھمەت. بىلىملىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

0

تېما

9

يازما

108

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
108
ۋاقتى: 2019-3-4 12:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koltigen يوللىغان ۋاقتى  2019-2-27 17:23
7-        بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە قايسى نەشىرى ئەڭ ماس كېلىدۇ؟
...

ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز . مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭكى چۈشۈرۈش بېتىدە  ئىككى خىل نەشرى بار ئىكەن . بىر خىلى ئاىلە نەشرى . يەنە بىر خىلنىڭكى  ۋىندوۋس ئون دەپلا  يېزىلىق ئىكەن . ئاشۇ سىز دېگەن  كارخانا  نەشرى شۇ ئوخشىمامدۇ .

0

تېما

5

يازما

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-3-10 20:10:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى نۇسخىسىدا كارخانا نەشىرى، كەسپىي نەشىرى، مائارىپ نەشىرى ئۈچى بىرلەشتۈرۈلۈپ سودا نەشىرى قىلىپ ئېلان قىلىندى، سودا نەشىرىنىڭ ISO ھۆججىتىدىن يۇقارقى ئۈچ خىل نەشىرىنى تاللاپ قاچىلىغىلى بولىدۇ
مەن Windows 10 دەپلا يېزىلغان نەشىرىنى كۆرمەپتىمەن ئەمما
Windows 10 Home Edition ۋە Windows 10 Businese Edition ئىككى نەشىرىنى كۆرۈپ باققان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-8-21 17:03 , Processed in 0.060773 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش