تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 1303|ئىنكاس: 2

ئەمدى ھەرقانداق ئاپپاراتنى تەڭشىيەلەيسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

6

يازما

92

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
92
QQ
ۋاقتى: 2018-11-15 10:49:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-11-15 11:04  

ئاپپارات تەڭشەشنى ئاپپاراتنىڭ پىرىنسىپىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەددىدىن زىيادە تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشۇم مومكىن شۇڭا قىسقىلا سۆزلەي.

فوتو-ئاپپاراتلاردىكى ئورتاقلىق.
فوتو ئاپپاراتنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ھەرقانداق ئاپپاراتنىڭ ئوخشاش. يەنى ئوپتىكىلىق جەريان پۈتۈنلەي ئوخشاش دىيىشكەبولىدۇ.  بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، دەل بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتەئوقۇۋاتقان مەزگىلدە مۇنداق بىر تەجرىبە بولىدىغان؛



يەنى لىنزا ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش تەجرىبىسى. ئەمەلىيەتتە فوتوئاپپاراتنىڭ پىرىنسىپى بۇنىڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

پەقەت تەسۋىر ھاسىل قىلىشتا يەككە لىنزائىشلىتىلمەي بىر يۈرۈش لىنزىنى مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈپ پايدىلانغان خالاس.

تەسۋىرنى ھاسىل قىلىپ بولدۇق. ئەمدى تەسۋىرنى قانداق ساقلايمىز؟
بۇ مەسىلىدە ئىلگىرى پىلىيۇنكىغا ساقلاپ، پىلىيونكا يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ يورۇقلۇق تەسىرىدىكى خىمىيلىك رىئاكسىيسىدىن پايدىلانغان بولسا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە نۇر سەزگۈچنىڭ چۈشكەن تەسۋىرنى رەقەملىك ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇشىدىن پايدىلانغان. مەن يەنىلا پىلىيونكائارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەمدى يەنە بىر مەسىلەئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى پىلىيۇنكىغا تەسۋىرنى قانچىلىك ۋاقىت چۈشۈرگەندەپىلىيۇنكىدا ئەڭ روشەن تەسۋىر ساقلىنىدۇ. چۈنكى قىسقا ۋاقىت چۈشكەن تەسۋىردە يۈزبەرگەن رىئاكسىيە پىلىيونكىدا روشەن ئىزنا قالدۇرالماسلىقى مومكىن. ئەگەر بەك ئۇزۇن چۈشۈپ كەتسە پىلىيۇنكا يۈزىدىكى ماددىلار تولۇق رىئاكسىيەلىشىپ كىتىپ،تەسۋىر ساقلانماسلىقى مومكىن. يەنە كىلىپ بەزى مۇھىتنىڭ نۇرى كۈچلۈك. بەزىسىنىڭئاجىز. شۇڭا بۇنىڭغا تەپكە تىزلىكىدىن ئىبارەت بىر قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، لىنتىنىڭ نۇرلىنىش ۋاقتى كونتىرول قىلىنغان.

نۇرلىنىشى ئارتىپ كەتكەن سۈرەت

نۇرلىنىشى يىتەرلىك بولمىغان ھالەت.

تىزلىك قاپقىقى

پىلىيۇنكىلىق ئاپپاراتلارنىڭ تىزلىك تەڭشىكى




ئەگەر مۇھىتنىڭ نۇرى كۈچلۈك بولسا نۇرلىنىش ۋاقتىنى قىسقا قىلىش ئارقىلىقمۇ نۇرلىنىش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق كىمەيتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا چۈشكەن نۇرنىڭ مىقدارىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق نۇرلىنىش دەرىجىسى مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭغا نۇر چەمبىرەك ئىشلىتىلگەن.

ئەمدى بۇ يەردەئاساسلىق نۇرلىنىش ۋاقتى ۋە پەيتلىك يورۇقلۇق مىقدارىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقتى.
نۇرلىنىش ۋاقتىنى تەپكە تىزلىكى ئارقىلىق كونتىرول قىلىمىز.
پەيىتلىك نۇرلىنىش مىقدارىنى نۇر چەمبىرەك ئارقىلىق كونتىرول قىلىمىز.
بۇ يەردە بىر ئىستاكان بار بولۇپ بىز بۇنىڭغا سۇ توشقۇرماقچى بولغاندا ئەگەر جۈمەكنى كىچىك ئېچىپ، چۈشىدىغان سۇ مىقدارىنى ئازايىتساق ئۇزۇنراق ۋاقىتتا توشىدۇ. ئەگەر جۈمەكنى چوڭ ئېچىپ، چۈشىدىغان سۇ مىقدارىنى كۆپەيتسەك تىزلا توشىدۇ. شۇنىڭدەك، بىر پارچەسۈرەتنى بىر ئىستاكانغا ئوخشاتساق، نۇر چەمبىرەكنى چوڭ ئاچساق تىزلىك يۇقىرى بولىشى كېرەك، نۇر چەمبىرەكنى كىچىك ئاچساق تىزلىك تۆۋەن بولىشى كېرەك.




ئۇنىڭدىن باشقا يەنەيورۇقلۇق سىزىمچانلىقى بولسا پىلىيۇنكىنىڭ نۇرغا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.

فوتو-ئاپپاراتلاردىكى ئەڭ ئاساسىي تەڭشەكلەر مۇشۇ ئۈچ، ھەرقانداق فوتو ئاپپاراتتا بولۇپمۇ كەسپىي ئاپپاراتلاردا بۇ ئۈچ تەڭشەك چوقۇم بار. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىبىر كىچىك تەڭشەكلەربار مەسىلەن ئاق تەڭپۇڭلۇق (رەڭ ھارارىتى ئاساسىدىكى تەڭشەك)، فوكۇسلاش نوقتىسى(فوكۇس ئالىدىغان كىچىك نوقتىلاركۆزدە تۇتۇلىدۇ. فوكۇسلاش نوقتىسى بەزى ئاپپاراتلاردا بىرقانچە، بەزىئاپپاراتلاردا نەچچە ئونغا يىتىدۇ.) قاتارلىق نۇرغۇن تەڭشەكلەر بار بۇلارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش.

فوتو-ئاپپاراتلاردىكى پەرق
فوتو-ئاپپاراتلاردانۇرغۇن پەرقلەر مەۋجۇت. يەنى باھادىكى پەرق، ماركىدىكى پەرق، ئىقتىداردىكى پەرق قاتارلىقلار. ئەمدى بۇ پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب بولسا پەقەت ئىككىلا. يەنى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال. قاتتىق دېتالدىكى پەرقلەر بولسا ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئوپتىكىلىق، مىخاينىكىلىق ۋە ئېلىكتىرونلۇق زاپچاسلارنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن. يۇمشاق دېتالدىكى پەرق بولسا، فوتوئاپپاراتنى كونتىرول قىلىش ۋە  تەسۋىرنى رەقەملىك سۈرەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىروگىراممىدىكى پەرق خالاس.
قىممەت ئاپپاراتلارنىڭ ئوپتىك لىنزىلىرى، ئىشلىتىلگەن ماتېرياللار، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئاساسىي تاختا، ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى، نۇر سەزگۈچ ئىكرانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە تەسۋىر ساقلاش ئېنىقلىقى ....قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى ياخشى ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ.  



يۇقارقىلاردىن مىنىڭچە ھېس قىلىپ يىتەلەيسىز. ئەگەر سىز بىر ئاپپاراتنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىگەن بولسىڭىز، ھەرقانداق ماركا، ھەرقانداق تىپتىكى ئاپپاراتنى تەڭشەپ كىتەلەيسىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەڭشەكلىرىدە چوڭ پەرق يوق، پەقەت تەڭشەيدىغان ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنىڭ ئورنى ئالماشقان خالاس.




بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

2

تېما

3

يازما

241

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
241
ۋاقتى: 2018-11-15 16:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

1

تېما

15

يازما

112

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
112
QQ
ۋاقتى: 2018-11-27 13:00:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز كۆكيار ئۇستاز جاپا چەكتىڭىز ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر
ئەخمەتجان ئابدۇكېرەم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-8-20 06:40 , Processed in 0.059374 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش