تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 2193|ئىنكاس: 1

سۈرەتكە ئىلىش ئۇسۇللىرى ۋە تىلكامىرانىڭ ھەركىتى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

5

يازما

174

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
174
QQ
ۋاقتى: 2018-11-23 12:46:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
   فىلىم ئىشلەش جەريانىدا رىژىسسسور بىلەن ئىشلىگۈچى خادىملار ئوتتۇرسىدىكى ئۇچۇرنى توغرا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىلكامىرانىڭ ھەركىتىگىمۇ بىر قاتار كەسپىي سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ،كامىرانىڭ سۈرەتكە ئىلىش  ھەركىتى: ئالدىغا تارتىش،چايقاش ،سۈزۈش، قوغلاپ سۈرەتكە ئىلىش،يۇقرى تۆۋەن سۈرۈش قاتارلىق ئۇنۋىرىسال ئۇسۇللىرى بار.ھەركەت شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:

1) ئاپرات بىشى ھەركەتلىنىدۇ، ئاپرات تۆۋەن قىسمى جىم تۇرىدۇ.
2)ئاپرات بىشى تۆۋەن قىسمى تەڭ ھەركەتلىنىدۇ.
3)ئاپراتنىڭ فوكۇس ئۆزگەرتىش ھەركىتى.
4)ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشىمىزغا ئاساسەن سۈرەتكە ئىلىش قاتارلىق ئۇنۋىرىسال ھەركەت شەكىللىرمۇ بار.

يۇقرى تۆۋەن سۈرۈش:  تۆۋەن ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ،ئاپرات تۇتقىچى ئارقىلىق ئاپرات تىرگۈچنى قىسقارتىپ،تىلكامىرا ئاپرات بىشىنى يۇقىرلىتىپ ياكى تۆۋەنلىتىپ سۈرەتكە ئىلىش .بۇ خىل سۈرەتكە ئىلىش ۇسۇلى تىك بولغان يۆنىلىشتىكى گەۋدىنى قوغلاپ تارتالايدۇتۆۋەن ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ.

تەكشى يۆلىنىشتە سۈرەتكە ئېلىش.
ئاپپارات بېشى بىلەن تۆۋەن ئورنى تەكشى.يۆلىنىشتە ئوڭ سولغا سۈرۈپ.تەكشى ھەرىكەت قىلىدۇ.بۇ خىل تېخنىكا ئۇسۇل بىلەن دائىم قوغلاپ تەكشى سۈرەتكە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىتتىرىپ تارتىش.
ئاپپارات بېشى تۆۋەن ، ئورنى بىرلىكتە تارتىلغان جىسىمنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىپ.ياكى يىراقلىشىپ تارتىش ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىپ،كىشىنى خۇددى يېقىنلىشىپ يىراقلىشىدىغاننى كۆزىتىدىغاندەك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت.
تېلېكامېرا تارتقان جىسىمنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.ھە ئۈزلۈكسىز تارتىش نۇقتىسىنى تەڭشەپ ، تېلېكامېرانى ھەر ۋاقىت تارتىۋاتقان جىسىمغا قارىتىدۇ.بۇ خىل ھەرىكەتتەئىتتىرىپ تارتىش بىلەن تەكشى يۆلىنىشتە سۈرۈشنى بىرلەشتۈرگەن ھەرىكەت. كۆرۈنۈشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىلەنمەنزىرە ئايرىمىسى ئۆزگەرمەيدۇ.
پەقەت تارتىش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپكۆپ تەرەپلەردىن تارتىلغان ئاساسىي گەۋدىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

قوغلاپ سۈرەتكە ئېلىش.
تېلېكامېرا ھەرىكەتتىكى ئاساسىي گەۋدىنى( سۈرەتكە ئالىدىغان  نىشاننى) قوغلاپ تارتىدۇئادەتتە قوغلاپ تارتقاندا ، ئاساسىي گەۋدە . ھەرىكىتى تەرىپىدىن گەۋدىلىنىپ.دائىم ئىتتىرىپ تارتىش.سۈرۈش.ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل ئۇنىۋېرسال ھەرىكەتلەر بىلەن سۈرەتكە ئېلىشقا بولىدۇ.

1

تېما

15

يازما

112

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
112
QQ
ۋاقتى: 2018-11-27 15:07:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە جاپا چەكتىڭىز بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەخمەتجان ئابدۇكېرەم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-8-20 07:05 , Processed in 0.055040 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش