تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 0

رەڭنىڭ قانۇنىيتى ۋە قوللىنىشى 2-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

13

يازما

1007

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
1007
QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miskini1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-12-2 15:15  


   ئەمدى مەن مۇشۇ رەڭنىڭ قوللىنىشى ۋە قانۇنىيتى توغۇرسىدا ئازراق بىر بىلىم ئىلىپ كەلدىم. نەزىرىڭلار تۆۋەندە بولسۇن.
دەرىسلىك ئەسلى غەرىبنىڭ توكىنى شەرىققە يەتكۇزۇش لىنيەسىدەك ئۇزۇن چىققان ئىدى ، بىسىم ئاشۇرغۇچى تىرانسىفور موتورلار كەمچىل بولغاچقا تۇتۇپ ئوقۇسا نەق يۈرەككە تىپىدىغان قىلىپ ئۈزۈپ يولىدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر!



رەڭنىڭقوللىنىلىشى
رەڭنىڭ قوللىنىلىشى بىر خىل بىلىم، ئۇنىڭ لايىھەدە ئىگىلىگەن ئورنى زادى قانچىلىك مۇھىم؟ بىر لايىھە ئەسىرى ئادەتتە مۇنداق ئۈچ ئامىلنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ: يەنى رەڭ، سۈرەت، يېزىقتىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ ئامىل ئىچىدە، رەڭ بىر قەدەرمۇھىم. كىشىلەر رەڭگە ناھايىتى سەزگۈر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار تۇنجى قېتىم بىرلايىھە ئەسىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەڭ ئاۋۋال   ئۇلارنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى تارتىدىغىنى شۇئەسەرنىڭ رەڭگى؛ ئىككىنچى بولۇپ، ئەسەرنىڭ رەسىمى؛ ئەڭئاخىرىدا ئاندىن يېزىقى.لايىھەلىگۈچى رەڭ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لايىھە پىكىرىنى ئەڭ ئاسان ئىپادىلىيەلەيدۇ،لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، رەڭنىڭ ئىقتىدارى ۋەئاجايىپ رولىنى چوقۇم چۈشىنىشىمىز كېرەك.

رەڭنىڭ چېتىلىدىغان بىلىم دائىرىسى كەڭرى بولۇپ، گۈزەللىك،ئوپتىكا، پىسخولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.پىسخولوگلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رەڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭمۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر بىر خىل رەڭ مەلۇم سىمۋۇللۇق مەنىگە ئىگە، كۆرۈنۈش سېزىمى مەلۇم بىر خىل رەڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، چوڭ مېڭە نېرۋىسى رەڭ تارقىتىشىنىڭ سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ، دەرھال نۇرغۇن خىياللارنى پەيداقىلىدۇ، مەسىلەن، قىزىل رەڭ قىزغىنلىقنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ، قىزىل رەڭنى كۆرگەندە،كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرىلىدۇ؛ كۆك رەڭ ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىموۋۇلى؛ كۆك رەڭ  ئادەملەرنى سوغۇققان قىلىدۇ. تەجرىبىسى مول لايىھەلىگۈچى كۆپ ھاللاردا رەڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا باغلانما تەسەۋۋۇر پەيدا قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لايىھە مەقسىتىگە يېتىدۇ.
يەككەرەڭلىك لايىھىلەش
يەككە رەڭدە لايىھەلىگەندە، رەڭ جەھەتتە ئومۇمىي خاراكتېرلىك مەسىلىنى بىرقەدەر ئاسان ئىگىلىگىلى، لايىھە ئەسەرلىرىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ روشەن قىلغىلى، مەھسۇلاتنى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كۆرۈنۈش سىزىمى زەربە كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن يەككە رەڭلىك لايىھەلىگەندە، لايىھە ئەسىرى ئوبرازىنى زىرىكىشلىك، ئۆلۈك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلغۇزۇپ قويىدۇ. يەككە رەڭلىك لايىھەلەش جەريانىدا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :

①مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئجادىيەت ئېڭىنى قانداق قىلىپ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، رەڭنى توغرا تاللاش؛
②لايىھە ئۇقۇمى ۋە مەھسۇلات خاسلىقىغا ئاساسەن، رەڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە رەڭ شەكلىنى قانداق بېكىتىش؛
③ئەسلىي رەڭ چۈشەنچىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ،يۈرەكلىك ھالدا يېڭىلىق يارىتىش،  رەڭنىڭ پەرقلەندۈرۈشچانلىقى ۋە ئۆزگىچە ماركا سېزىمىنى ئويلىششقا دىققەت قىلىش كېرەك .


دەرىسلىك تىما خەت چەكلىمىسى تۈپەيلى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. نەزىرىڭلار كىيىنكى قىسىمىدا بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-9-17 18:14 , Processed in 0.059107 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش