تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 511|ئىنكاس: 0

رەڭنىڭ قوللىنىشى ۋە قانۇنىيتى3-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

13

يازما

1007

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
1007
QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miskini1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-12-2 15:18  

   ئەمدى مەن مۇشۇ يوللىغان رەڭنىڭ قوللىنىشى ۋە قانۇنىيتى توغۇرسىدىكى ئۇشبۇ دەرىسلىك ئۈچىنجى قىسمىغا كەلدى. نەزىرىڭلار تۆۋەندە بولسۇن.
دەرىسلىك ئەسلى غەرىبنىڭ توكىنى شەرىققە يەتكۇزۇش لىنيەسىدەك ئۇزۇن چىققان ئىدى ، بىسىم ئاشۇرغۇچى تىرانسىفور موتورلار كەمچىل بولغاچقا تۇتۇپ ئوقۇسا نەق يۈرەككە تىپىدىغان قىلىپ ئۈزۈپ يولىدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر!


ماس رەڭلىك لايىھەلەش
كۆپچىلىككە مەلۇمكى،رەڭنى قىزىل، سېرىق ئاساس قىلىنغان ئىللىق رەڭ سىستېمىسى ۋە كۆك، سۆسۈن رەڭ ئاساس قىلىنغان سوغوق رەڭ سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رەڭ سىستېمىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەرقايسى رەڭ سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى رەڭنىڭ تەڭشىلىشى ماس رەڭلىك لايىھەلەش دەپ ئاتىلىدۇ. ماس رەڭ رەڭ سەزگۈسىنىڭ ئىزچىللىقىغا ئىگە بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا باشقىلارغا ئىناق، يېقىملىق تۇيغۇ ھېس قىلغۇزىدۇ. ئىللىقلىققا ئىگە،يۇمشاق تىپتىكى، ئاقار جىسىم تۈرىدىكى ئېلانلارنى لايىھەلەش جەريانىدا، بىز دائىم قوللىنىمىز. ماس رەڭلىك لايىھەلەش جەريانىدا تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشكېرەك.
1.ماس رەڭ ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرۇش ماھارىتىنى ياخشى كونترول قىلىش.
2.يورۇقلۇق دەرىجىسى، ساپلىق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، نېيترال رەڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، مەسىلەن : قارا، ئاق، كۈل رەڭ قاتارلىقلار، مۇشۇنداق پايدىلانغاندا، رەڭنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرغىلى، گۈزەل، يېقىشلىق بولۇشتەك ئۈنۈمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
سىلىشتۇرما رەڭدەلايىھەلەش
سېلىشتۇرما رەڭ دېگىنىمىز رەڭ فازىسى ھالقىسىدىكى بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارىشى بولغان رەڭنى كۆرسىتىدۇ. رەڭنىڭ سېلىشتۇرمىسى بىزنىڭ كۆرۈنۈش سېزىمىمىزنىڭ ھاياجانلىنىش نۇقتىسىنى ئويغىتىپ، ئاسان غىدىقلاش پەيدا قىلىدۇ،يېڭى، شوخ، جانلىق بولۇشتەك كۆرۈنۈش سېزىمى تەسىرىنى قالدۇرىدۇ. رەڭ سېلىشتۇرمىسى مۇناسىۋىتىدە، رەڭنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، رەڭ فازىسى سېلىشتۇرمىسى، يورۇقلۇق دەرىجىسى سېلىشتۇرمىسى، ساپلىق دەرىجىسى سېلىشتۇرمىسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى بار. سېلىشتۇرما رەڭدە لايىھەلەش جەريانىدا تۆۋەندىكى مەسىللەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1.سېلىشتۇرما مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ رەڭنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، رەڭنىڭ ئاساسىلىق رەڭ تۈسىنى ھەقىقىي پۇختا ئىگىلەش، ھەمدە ئاساسلىق رەڭتۈسى بىلەن مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقى ۋە ئىجادىيەت ئېڭىنى ئۆزئاراماسلاشتۇرۇش؛
2.رەڭ ئامىلى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، لايىھە ئامىلىنىڭ تەرتىپچانلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ياخشى ساقلاش كېرەك.

دەرىسلىك تىما خەت چەكلىمىسى تۈپەيلى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. نەزىرىڭلار كىيىنكى قىسىمىدا بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-9-17 18:54 , Processed in 0.078177 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش