تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 2003|ئىنكاس: 3

رەڭنىڭ قوللىنىشى ۋە قانۇنىيتى 4-قىسىم (تۈگىدى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

13

يازما

1007

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
1007
QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miskini1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-12-2 15:30  


   ئەمدى مەن مۇشۇ يوللىغان رەڭنىڭ قوللىنىشى ۋە قانۇنىيتى توغۇرسىدىكى ئۇشبۇ دەرىسلىك تۆتىنجى قىسمىغا كەلدى. نەزىرىڭلار تۆۋەندە بولسۇن.
دەرىسلىك ئەسلى غەرىبنىڭ توكىنى شەرىققە يەتكۇزۇش لىنيەسىدەك ئۇزۇن چىققان ئىدى ، بىسىم ئاشۇرغۇچى تىرانسىفور موتورلار كەمچىل بولغاچقا تۇتۇپ ئوقۇسا نەق يۈرەككە تىپىدىغان قىلىپ ئۈزۈپ يولىدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر!

رەڭنىڭ قانۇنىيەتلىكى
تەكشىلىكتە لايىھەلەش بىلەن باشقاكۆرۈنۈش سېزىمى سەنئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى: رەڭنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ئۇنى قوللىنلىشى مەلۇم دەرىجىدە ئىنتايىن كەسىپىي بولىدۇ- نۇرغۇن مەھسۇلات ئېلانى ساھەسىدە، ئىزچىل تۈردە بەزى ئالاھىدە رەڭ ۋە رەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىيىتى قوللىنىلىۋاتىدۇ.بۇ قانۇنىيەتلەردىن ئايرىپ بازارلاردا ساتقاندا، كۆرگەزمە قىلغاندا، كىشىلەر  بۇ ئېلاننىڭ بىر يەرلىرى بىر قانداقتەك ھېسقىلىدۇ. مەسىلەن: مۇچ تۈرىدىكى ئېلانلار، ئادەتتە ئېلان رەڭگى قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق رەڭ  ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، ناھايىتى ئاچچىقتەك مەنانى ئىپادىلەيدۇ، ئەگەر باشقا رەڭ ئىشلەتسە، ئىستېمالچىلار بۇ يېمەكلىكلەرنى ئاچچىق ئەمەس، تەمى ياخشى ئەمەس دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
بۇيەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، رەڭنىڭ قانۇنىيەتلىكى بىر خىل ھەرىكەت ھالىتىدىكى قانۇنىيەت. بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆرۈپ-ئادەت، ئەنئەنىدىن كەلگەن؛ يەنەبىر تەرەپتىن، ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. يېمەكلىك، ئائىلە تۈرىدىكى رەڭلەر بىر قەدەر ئىللىق بولىشى، ئىللىق رەڭ سىستېمىسى ئىشلىتىش كېرەك؛ ماشىنا ئېلانلىرىدا سوغۇق رەڭ سىستېمىسىنى ئىشلىتىش كېرەك

بۇ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەن دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەر بەلگىلىك دەرىجىدە تاۋارنىڭ ئۆزىگەخاس رەڭ ئۇقۇمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھالبۇكى لايىھەلىگۈچى يۇقىرىقى رەڭ ئىشلىتىش ئادىتى ۋە يۈزلىنىشىنى بۇزىۋەتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن لايىھەلەش جەريانىدا چوقۇم مۇۋاپىق رەڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىددىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەشنى ئويلىششى، كارخانىنىڭ ئوبراز ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىپادىلىشى كېرەك.
رەڭنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇئەييەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلغاندىن باشقا، يەنە رەڭنىڭ ئورتاقلىقى بىلەن خاسلىقىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك، لايىھەلىگۈچىلەر زىددىيەتلىك جايلىرىنى جانلىق ئىگىلىشى كېرەك. لايىھەلىگۈچى تاۋارنىڭ سودا خاراكتېرىنى ئويلىشىشتىن باشقا، يەنە مودا رەڭنىڭ ئىشلىتىلىشى، رەڭنىڭ ئۆزگىچىلىكى، كۆزگە  چېلىقىپ تۇرىشى قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك.مودا رەڭنى ئىشلىتىش دېگەندە، نۆۋەتتە مودا بولغان رەڭدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئېلان ئەسىرىگە بولغان دىققىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېمەكتۇر، ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان مودا رەڭ بولىدۇ. مودا رەڭ دېگىنىمىز، ئادەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەر  مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە قوبۇل قىلغان ھەمدە ياخشى كۆرگەن رەڭ.

دەرىسلىك مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. نەزىرىڭلار تۆۋەندىكى ئىنكاس رايونىدا بولسۇن!






0

تېما

6

يازما

27

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
27
QQ
ۋاقتى: 2018-12-3 15:56:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەڭلەنىڭ لاھىيەدىكى رولىنىڭ موھىملىقىنى، ئىسسىق سوغۇق رەڭلەنىغۇ بىلەتتىم.  ئەمما بۇنچە كۆپ خاسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن، يىڭى بىلىملەر يەنىلا (ئېزىمېز تورىدا ) يىڭى بىلىملەرنى ئۈگىنىۋالدىم، رەھمەت ئۇستاز. يەنە يولىڭىزغا قارايمىز!

يىڭى تىخنىكا قانداق تاۋلىنىدۇ؟!
ئىزىمىز تورىدا!
شاتۇر

3

تېما

13

يازما

1007

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
1007
QQ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-12-5 21:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاتۇر يوللىغان ۋاقتى  2018-12-3 15:56
رەڭلەنىڭ لاھىيەدىكى رولىنىڭ موھىملىقىنى، ئىسسىق سوغۇ ...

ئىزىمىزدا ئىز قالدۇرۇپ داۋان ئاشىمىز،
بىلىملەرنى ئىزىمىزغا بىرىپ كىتىمىز.
پوتوشوپتا رەسىم ياساپ، ئافتىردا قىلىپ،
پىرىمىردا لەڭمەن سوزۇپ سەندىدا بىنا سالمىز!  بىردەم تاققا تۇققا!!

7

تېما

11

يازما

45

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
45
ۋاقتى: 2019-2-27 12:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرىق رەڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدۇ .... چۈنكى يوللاردىكى ئايرىش سىزىقى، قاتناش ساقچىلرىنىڭ كىيىم بەلگىلىرى ، قاتناش بەلگىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش تىپىدىكىلىرى ، قاتناش چىراقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك چىرىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سېرىق رەڭدە .................
ئەمما مەن قىزىل رەڭنى دەششەت ياخشى كۆرىمەن دىسە .... ساراڭدەكلا .....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-8-21 18:36 , Processed in 0.063412 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش