تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

www.izimiz.com

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
كۆرۈش: 916|ئىنكاس: 0

سۈرەتخانا ۋە سۈرەتچىلىك كەسپى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

6

يازما

92

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
92
QQ
ۋاقتى: 2018-12-11 18:05:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مۇنبەردىكى فوتوگىراف دوستلار بىلەن ئۆزۈمنىڭ فوتوگىرافلىق كەسپى ۋە سۈرەتخانا ئېچىشتىكى بىرقىسىم موھىم نوقتىلار توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
مەن سۈرەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى ساق ئون يىل بولدى. شۇ ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۆزۈم بىلەن ھازىرقى ئۆزۈمنى سېلىشتۇرسام كۆپ ئىلگىرلەش بولماپتۇ. كۆپ قىسىم ۋاقىتلىرىمنى تۇتامغا چىقمايدىغان، ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن ئىسراپ قىلىۋىتىپتىمەن. شۇڭا باشقا كەسىپداشلارنىڭمۇ ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنىنىڭ ئالىدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم. بۇ پەقەت شەخسىي قارىشىم ۋە تەجرىبە يەكۈنلىرىم. شۇڭا كەسىپداشلارنىڭ توغرا مەۋقەدە تۇرۇپ تەھلىل قىلىشىنى سورايمەن. ھەم تەكلىپ -پىكىرلەر بولسا چوقۇم قوبۇل قىلىمەن.
سۈرەتخانىنى قانداق ئېچىش، قانداق باشقۇرۇش جەھەتتىن كۆپ توختالمايمەن. چۈنكى بۇ جەھەتتە تەجرىبەم كەمچىل. ئەمما سۈرەتچىلىك تېخنىكىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە قانداق قىلىش توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتىمەن.
مەن ئۆز كەسپىمنى يەنى فوتوگىرافلىق ۋە سۈرەت ئىشلەشنى ياقتۇرىمەن. (ئادەتتە فوتوگىرافلىق بىلەن سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئادەتتە ئىككى كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.) مەن ئۆز كەسپىمنى تۇرمۇشۇمنى قامداشتىكى ئاساسلىق كىرىم مەنبەيىم بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تارتقان ۋە ئىشلىگەن سۈرەتلىرىمدىن زوق ئالالايمەن ۋە شۇ ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىمەن. شۇ ۋەجىدىن كەسپىمنى سۆيىمەن. ئەمدى شۇ سۈرەتنى كىشىگە زوق ئاتا قىلغۇدەك تارتىش ۋە ئىشلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىمىز كېرەك؟



ئاۋال ئۆزىڭىزدە سەنئەتنى كۆرەلەيدىغان كۆز ۋە ھىس قىلالايدىغان قەلىب ھازىرلاڭ


چۈنكى فوتوگىرافىيە گۈزەل سەنئەتتىن ئايرىلىپ چىققان بىر تۈر بولۇش بىلەن بىرگە شۇ سەنئەت ئەسىرىنى روياپقا چىقارغۇچىدىن ئاز-تولا سەنئەت ھۈجەيرىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئاز-تولا زوق ئالالايدىغان بولىشىڭىز كېرەك. ئۇ مەيلىفوتو-سۈرەت، ماي بوياق، سۇ بوياق، ياغاچ ئويما ياكى گەج ھەيكەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر شۇ ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەر شۇ ئەسەرگە ئۆزىنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرىنى سىڭدۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ باسقۇچ تاماملىنىپ بولغان بولسا كىيىنكى قەدەملىرىڭىز قىيىنغا چۈشمەيدۇ.


ئۈسكۈنىلىرىڭىز بىلەن پىششىق تونۇشۇڭ


بۇ كەسىپتە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئۈسكۈنىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ فوتو-ئاپارات ئەڭ موھىم ئۈسكۈنە. سىز فوتو-ئاپاراتنى قانداق تەڭشەش، قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەي تۇرۇپ ياخشى بىر فوتوگىراف بولۇش خىيالىنى قىلماڭ. لىكىن ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۈسكۈنە قوغلاشماڭ. ئىلغار ئۈسكۈنە سىزنى ياخشى نەتىجىگە ئىگە قىلالىشى ناتايىن. ئەمما سىز ئاپپارات تەڭشەش، چىراق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ياخشى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. چىراق ئورۇنلاشتۇرغاندىمۇ قارىسىغا، باشقىلارنى دوراپلا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بارسە ئادەم ئاناتومىيسىنى ياخشى ئۆگىنىڭ. شۇندىلا ئادەمنى قايسى قىياپەتتە تۇرغۇزۇپ، نۇرنى قايسى تەرەپتىن بەرگەندە بەدئىيلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، قايسى تەرەپتىن يۇرۇتقاندا ئادەم ئورۇق كۆرۈنىدۇ؟ قانداق تارتقاندا ئېگىز، ئورۇق كۆرۈنىدۇ؟ قانداق نۇر ئاستىدا سىمىز كۆرۈنىدۇ؟ دېگەنلەرنى بىلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ماتېريال كۆرۈشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.


باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ۋە باھا بىرىشنى ئۆگىنىڭ


ئادەتتە ئۆگىنىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى دوراشتىن باشلىنىدۇ. دوراش ئۈچۈن كۆرۈش كېرەك. كۆرگەندىمۇ يۈزەكىلا كۆزىتىپ قويۇش سىزنىڭ ئالغا بېسىش قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ. شۇڭا كۆزەتكەندە سۈرەتنىڭ تارتىلىشى، نۇرنىڭ يۆنىلىشى، سۈرەتتىكى كىشىلەرنىڭ قىياپىتى ۋە چىراي ئىپادىسى، ئومومىي موھىت، سۈرەت تارتىلغان ۋاقىت...... قاتارلىق نوقتىلارنى تەپسىلىي كۆزىتىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىڭ، ئۆزىڭىزنى شۇ فوتوگىرافنىڭ ئورنىدا قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئەگەر سىز شۇ كىشى بولۇپ قالسىڭىز قانداق تارتاتتىڭىز؟

كومپيۇتېرغا زىيادە تايىنىۋالماڭ


كەسىپداشلار ئارىسىدا كومپيۇتېرغا زىيادە تايىنىۋېلىش خاھىشى بەك ئېغىر.  ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېرغىلا تايانسىڭىز ئېنىقلا مەغلۇپ بولىسىز. كومپيۇتېردا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەنگەندىمۇ ھەرگىز قارىسىغا ئۆگەنمەڭ. مەن قارىسىغا ئۆگەنگەن. فوتوشوپنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى قېزىپ-قىدىرىپ ئۆگەنگەن. ئەمما سۈرەتىچىلىككە ئەسقاتىدىغان قىسمى ناھايىتى ئاز بىر قىسمى خالاس. سىز كومپيۇتېر دىتاللىرىنىڭ ئىقتىدارىغا چىڭ يېپىشقانسىرى ئۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزنى چەكلەپ قويىدۇ. ئەمما ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا كومپيۇتېرنىمۇ پەقەت ئۆز ئىھتىياجىڭىزدىن چىققۇدەكلا ئۆگىنىڭ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىسمىنى ئۆگەنمەكچى بولغان ۋاقتىڭىزنى  رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشكە ئاجرىتىڭ. چۈنكى سۈرەتتىكى نۇرغۇن ئەيىپ-نوقسانلارنى ھىس قىلىش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن رەسىم سىزىشقا تايىنىسىز، ھېچ بولمىسا ئويماننى دۆڭ قىلىش، دۆڭنى ئويمان قىلىش ئۈچۈن قايەرگە قانداق رەڭ بىرىشنى بىلىشىڭىز كېرەك. بۇنى رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندە ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز.


ھەممىگە تەڭ ئېسىلىۋالماڭ


سىز بىر فوتوگىراف، ئەگەر سىز بۇ كەسىپنى پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بولسىڭىز يۇقارقى يازمىلىرىمدىكى بارلىق سۆزلەرنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋىتىپ، ئۆزىڭىز بىلگەن يول بويىچە ئىلگىرلەڭ. ئەمما مۇشۇ كەسىپكە ئاز-تولا ئىشتىياقىڭىز بولۇپ، مۇشۇ كەسىپنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان، مۇشۇ كەسىپتە ئاز-تولا نەتىجە قازىنىشنى ئويلايدىغان بولسىڭىز بۇ كەسىپنى تۇتقانكەنسىز باشقىسىغا دىققىتىڭىزنى چاچماڭ. مەسىلەن: فىلىمچىلىكنى قوشۇمچە ئۆگىنىمەن دىمەڭ. ئەگەر خېرىدارنى قاچۇرمايمەن دىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى فىلىمچىلىككە پىشقان كەسىپدىشىڭىزدىن بىر-ئىككىسى بىلەن ھەمكارلىشىڭ، فىلىمنىڭ ئىشىنى ئۇلار قىلسۇن، سۈرەتنىڭ ئىشىنى سىز قىلىڭ. بەلكىم سىزنىڭ كەسىپتىكى تەرەققىياتىڭىزنى چەكلەپ قويۇۋاتقىنى دەل سىزنىڭ ھەممە ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئالدىڭىزغا تارتىپ قىلىۋالغىنىڭىز بولۇشى مومكىن. شۇڭا كەپداشلار بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ناھايىتى موھىم.

يەنە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، بىراق قۇرۇپ گەپ قىلىپ كەسىپداشلارنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن گپنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. يۇقارقى گەپلىرىم بىر قىسىم كەسىپداشلارنىڭ قۇلىقىغا ياقماسلىقى مومكىن. شۇنداقتىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەمما مۇشۇ كەسىپكە ھەقىقىي ئىشتىياق باغلاپ، بېشىدىن ئاز-تولا ئىسسىق سوغۇق ئۆتكۈزگەن كەسىپداشلار مىنىڭ گىپىمنىڭ تېگىگە يىتىپ بولدى. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. توغرا چۈشىنىڭلار.
رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|izimizFlimStudio  

GMT+8, 2019-8-20 07:28 , Processed in 0.056136 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش